باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ كورېيە يېڭى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2014.10.15 15:13   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ كورېيە يېڭى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-چېسلا خەلق چوڭ سارىيىدا جۇڭگو-كورېيە پارتىيەلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كورېيە يېڭى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كىم مۇسۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:بۇ يىل 7-ئايدا كورېيەنى زىيارەت قىلغاندا زۇڭتۇڭ پاك گۆنھى بىلەن جۇڭگو-كورېيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە بىر قاتار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو كورېيە بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. زۇڭتۇڭ پاك گۆنھى سەمىمىي سالامىمنى ۋە ياخشى تىلەكلىرىمنى يەتكۈزۈپ قويغايسىز، مەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. جاۋ چېڭ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز