باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ ساقچىلىرى رادىكاللارنىڭ ئېچىلغان يوللارنى يەنە توسۇۋېلىشىغا يول قويمايمىز دېدى

2014.10.20 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شياڭگاڭ ساقچى ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ باش ساقچى ئەمەلدارى شۈ جېندې 17-ئۆكتەبىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ساقچىلار 17-ئۆكتەبىر ۋاڭجياۋدىكى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يوللاردىكى توساقلارنى تازىلىدى. ساقچىلار رادىكاللارنىڭ ئېچىلىپ بولغان يوللارنى يەنە توسۇۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز، ھەر قانداق زوراۋانلىق قىلمىشىغا تېخىمۇ يول قويمايمىز، ئەگەر بەزىلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، ساقچىلار چوقۇم كەسكىن قانۇن ئىجرا تەدبىرى قوللىنىدۇ دېدى.

  بۇندىن باشقا، شياڭگاڭ بانكا ئۇيۇشمىسى 17-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بانكا كەسپى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىنىڭ شياڭگاڭنىڭ پۇل مۇئامىلىسىگە ئۇزاق مەزگىللىك تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئىگىلىۋېلىش قىلمىشى قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى شۇنچە زور بولىدۇ، شياڭگاڭنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىتىپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇش ئورنىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر