- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىبورا يۇقۇمى پۈتكۈل يەر شارى ئىقتىسادىغا تەھدىت يەتكۈزۈشى مۇمكىن
2014.10.20 08:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى يېقىندا مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر نۆۋەتتە ئىبورا يۇقۇمىنىڭ خەتىرىنى تولۇق تونۇپ يەتمىدى. ئۇ يەنە ئىبورا يۇقۇمىنىڭ پۈتكۈل يەر شارى ئىقتىسادىغا تەھدىت يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ئۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىبورا يۇقۇمىنىڭ يامرىشىنى بىرلىكتە توسۇشىنى مۇراجەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر باشقا دۆلەتلەر يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى ھەقىقى تۈردە ئۈزۈپ تاشلىمايدىغان بولسا، بۇ يوقۇم گۋىنىيە، سېررالىيۇن ۋە لىبېرىيەدىن ئىبارەت غەربىي ئافرىقىدىكى ئۇچ دۆلەتتىن سىرتقا كېڭىيىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئىبورا يوقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئافرىقىغا 3 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر