باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2014.10.17 14:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 13 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى 13 – ئۆكتەبىر جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياگاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىمىز سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئاساس قىلىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىچە شەھەر، بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  يىغىندا ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە مەزمۇنىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەخلاق تەلىپىنى كۈچەيتىش تەلىپى بويىچە ئىدىيەنى نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش، يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش، مەدەنىيەت يېتەكچى قىلىنغان يېزا ئىستىلى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي شەھەرنى ناھىيەنىڭ ئىككى مەدەنىيلىكنى ماس راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ ئالدىدا ماڭدۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لو شۇگاڭ مۇنداق دېدى: جايلار بىر تۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، بىر تۇتاش لايىھەلەپ، تەكشى قۇرۇلمىلىق، مۇۋاپىق ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ناھىيە (شەھەر) نىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتە تەسىرى چوڭ، ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىشچانلىقى يۇقىرى، ئاممىنىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك تۈرلەرنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئەلنى مايىل قىلىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر