- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسىدە تۆت مىليارد يۈز مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالىدى
2014.10.17 14:19 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
‹‹دۆلەت بايرىمى ›› ئالتۇن ھەپتىلىكىدە ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ بازىرىدا يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى .
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 5–نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ، سەككىز كۈنلۈك سودا يەرمەنكىسىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نەق مەيداندا سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 7 مىليون 260 مىڭ يۈەنگە يەتكەن ، 80 دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ، پىششىقىلاپ ئىشلەش كارخانىسى ۋە سېتىش سودىگەرلىرى مال سېتىش-سېتىۋېلىش ۋە ۋاكالەت توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، توختام ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسى يەنە بېيجىڭ شىەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى 900 غا يېقىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىگىرى ، توپ سېتىش بازىرىنىڭ مەسئۇل خادىمىنى مەسلىھەت سوراش ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرىنى كېڭىشىشكە جەلپ قىلغان ، نەق مەيداندا كېلىپ مال سېتىۋالغۇچىلاردىن 80 مىڭ (ئادەم / قېتىم ) غا يېقىن كۈتۈۋېلىنغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە ، شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىككى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بېيجىڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە تىجارەت باشلاپ ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىمالىي جۇڭگو بازىرىغا كىڭىيىشى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى . (پىراكتىكانت يۈسۈپجان يولۋاس، توختىنىسا ئىمىرغازى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر