باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت

‐‐ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا

2014.10.17 13:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى «نامراتلارنى يۆلەش كۈنى».

  يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ كۆرمەكتىمىزكى، ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل ئۇلۇغ نەتىجىلەر قولغا كەلدى.

  پىلانلىق، تەشكىللىك، كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى تارىختا كەم كۆرۈلىدۇ؛

  قىسقىغىنە 30 نەچچە يىلدا 660 مىليون ئادەمنىڭ تېزلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى «جۇڭگو مۆجىزىسى» دەپ تەرىپلەندى؛دۇنيادىكى نامراتلارنى ئازايتىش نەتىجىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى جۇڭگو ۋۇجۇدقا چىقارغان بولۇپ، دۇنيا نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا «جۇڭگو مۇۋەپپەقىيىتى»نى ياراتتى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مەملىكىتىمىز خەلقى قەتئىي ئىرادە بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق جۇڭگوچە نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا جۇڭگو مۆجىزىسىنى يارىتىپ، دۇنيادىكى نامراتلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازىيىشىغا زور تۆھپە قوشتى.«يېزىلار ھاللىق سەۋىيەگە يەتمىسە، بولۇپمۇ نامرات رايونلار ھاللىق سەۋىيەگە يەتمىسە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ».

  «ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن-يەتمىگەنلىككە ھۆكۈم قىلىشتا، يۇرتداشلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ ۋە پىلانلاپ، نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش ئىشلىرىغا قارىتا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ تەەرققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر