باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يەكەن دەرياسىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تۈزەش قۇرۇلۇشى باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2014.10.17 15:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە:

  يەكەن دەرياسىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تۈزەش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  يەكەن دەرياسىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تۈزەش قۇرۇلۇشى خەلق تۇرمۇشىغا، ئەلرايىغا، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور قۇرۇلۇش بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق كەلكۈن ئاپىتىنى ئۈزۈل – كېسىل تۈگەتكەندە، دېھقانلارنىڭ ئەمگەك يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت ياراتقىلى بولىدۇ. مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، يەكەن دەرياسىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تۈزەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىسىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  سىلەرنىڭ تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ ساخاۋەت قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەمگەكچان ئىككى قولۇڭلار بىلەن گۈزەل ماكانىڭلارنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

  يۈ جېڭشېڭ

  2014 – يىل 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر