- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
9-ئايدا مەملىكىتىمىزنىڭ CPI سى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.6 ئاشتى
2014.10.17 14:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 15 – ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 9 – ئايدا مەملىكىتىمىز ئاھالىسىنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى (CPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.6 ئېشىپ، ئېشىش دەرىجىسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن، بۇ بۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە. مۆلچەر بويىچە ھېسابلىغاندا، 9 – ئايداCPI نىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان %1.6ى ئىچىدە ئۆتكەن يىلقى باھا ئۆرلەشنىڭ ئاخىرقى ئامىلى 0.3 پىرسەنت پوئېنت، يېڭى باھا ئۆرلەش ئامىلى 1.3 پىرسەنت پوئېنت بولغان. ئالدىنقى توققۇز ئايدىكى ئوتتۇرىچە CPI ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.1 ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر