- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئابادى: ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئىستىراتېگىيەسىنى قارشى ئالىمىز
2014.09.17 10:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراق باش مىنىستىرى ئابادى 11-سىنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىراقنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى بىلەن باشقا تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش ئىستراتېگىيەسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابادى شۇ كۈنى ئاخبارات ئىشخانىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىراق ئامېرىكىنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبى تەشكىلاتىغا ھاۋادىن زەربە بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ھەرىكىتىنى قارشى ئالىدۇ.
ئوباما 10-سىنتەبىر كەچتە، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلىرىغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىش، ھەمدە ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا يوقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، سىستېمىلىق ھاۋادىن زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر