خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نىياز راھمان، تۇرسۇن راھمان، قۇرباننىياز قاسىملار خەۋىرى، فوتوسى: ئالتۇن كۇز پەسلىدىكى 10-، 11-سېنتەبىر كۈنلىرى «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» نىڭ تەكىلپلىك مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچىگە جەم بولدى. بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن 30 نەپەر تەكلىپلىك مۇخبىرى قاتناشتى. مۇخبىرلار ئىككى كۈنلۈك كۇرس جەريانىدا گېزىتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى، فوتوگرافىيە، ئاخبارات مۇخبىرلىقى، پەن-تېخنىكا خەۋەرلىرىنى يېزىش ۋە پەن-تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش قاتارلىق بىلىملەر بويىچە تەربىيەلەندى.
مۇخبىرلار كۇرس ئاخىرىدا سانجى يىزائىگىلىك پەن-تىخنىكا تەتقىقات بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ، «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى»ئىدارىسىدىكى مۇھەررىر- مۇخبىرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ نۆۋەتتىكى تەشۋىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ئۇستىدە سوھبەتلەشتى.
سۈرەتلەردە: تەربىيەلەش كۇرسى ۋە ئېكىسكۇرسىيە پائالىيىتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى