شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەدەنىيەت-سەنئەت يۈرۈشلۈك پائالىيەت ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 15-سېنتەبىر سائەت 20:00 دە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلار پەن-تېخنىكا ، مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى . مۇراسىمغا مەكتەپ رەھبەرلىرى ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 900 گە يېقىن كىشى قاتناشتى .
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاۋ گۇاڭخۇي مەكتەپ پارتكومىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلىپ ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ كېلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىغا رەھمەت ئېيتتى ، ھەمدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى .
ئارقىدىن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي ئوركېستىرىنىڭ مۇزىكانتلىرى ۋە ئارتىسلىرى ئورۇندىغان بىر قاتار نادىر نومۇرلار نەق مەيداندىن تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەكبەر مۇنداق دېدى : تەبرىكلەش پائالىيتىنى نەق مەيداندىن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ، پائالىيەت ناھايىتى قىزىدى ، مۇشۇ مىنۇتلاردا مەن ئانا مەكتىپىمنىڭ 90 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيمەن ، ھەمدە ئۆز ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق مەكتىپىمگە جاۋاب قايتۇرىمەن .
ئىگىلىنىشىچە ، 15-سېنتەبىردىن 22-سېنتەبىرگىچە بىر قاتار خاتىرىلەش ، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى تەبرىكلىنىدىكەن .