راجا پاكسا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن سىرىلانكانىڭ
ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى
9-ئاينىڭ 16-كۈنى، سىرىلانكا زۇڭتۇڭى راجا پاكسا كولومبودا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 16-كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كولومبودا سىرىلانكا زۇڭتۇڭى راجا پاكسا بىلەن سۆھبەتلەشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما جەنچېڭ فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر كولومبودىن بەرگەن خەۋىرى: سىرىلانكا زۇڭتۇڭى راجا پاكسا كولومبودا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى دوستانە كەيپىياتتا سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-سىرىلانكا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئورتاق پىلانلاپ، جۇڭگو-سىرىلانكا ئەركىن سودا سۆھبىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى، جۇڭگو بىلەن سىرىلانكانىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى