خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 16-سېنتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بېنزىن، دېزىلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 140 يۈەن ۋە 135 يۈەن چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى. سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، (مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن) 90-نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0-نومۇرلۇق دېزىلنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.10 يۈەن ۋە 0.12 چۈشىدۇ. باھا تەڭشەش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىم تەييار ماي باھاسى چۈشۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋە 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇدا ئۈچ قېتىم چۈشۈرۈلگەنىدى. ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 2009-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى خام نېفىتكە بىۋاسىتە باغلانغان ۋە ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسىغا چەك قويۇلغاندىن بۇيان، 2012-يىلى ۋە 2013-يىلى «ئۇدا ئۈچ قېتىم چۈشۈش» ئەھۋالى كۆرۈلگەن. بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى، بۇ قېتىم تەييار ماي باھاسىنىڭ چۈشۈرۈلۈشى 6 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق «ئۇدا 4 قېتىم چۈشۈش» ھېسابلىنىدۇ.
مۇخبىر چېن شياڭلې، لى يوۋ
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى