16-سېنتەبىر، تيەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىمىلىق گۈلدەستە تىزىشقا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ تىپتىكى سۈنئىي گۈللەر قويۇلدى. تۈنۈگۈندىن باشلاپ تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ دۆلەت بايرىمىلىق گۈلدەستە تىزىش خىزمىتى باشلاندى. 2014-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىغا قويۇلىدىغان دۆلەت بايرىمىلىق گۈلدەستىلەردە «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى، مەيداننىڭ مەركىزىگە جۇڭگو ئارزۇسى ئەكس ئەتكەن «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ئىستىرولۇق گۈلدەستە قويۇلىدۇ؛ ئىككىنچى، مەيداننىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىگە يېشىل گۈل تۈۋرۈك، گۈل توپچىلىرى ۋە ئىدىش قويۇلىدۇ. ئۈچىنچى، خاتىرە مۇنارىنىڭ ئەتراپىغا يېشىل چىم، گۈل ۋە خەت شەكلىدە تىزىلىدىغان گۈل پەشتىقى قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىسترولۇق گۈلنى تىزىش 25-سېنتەبىر تاماملىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل تىيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دۆلەت بايرىمىلىق گۈلدەستىلەر APEC يىغىنى تۈگىگەندىن كېيىن ئېلىۋېتىلىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لو شياۋگاڭ فوتوسى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى