باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىسلاھات ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى

2014.09.17 10:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە خەلق تۇرمۇشى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇرغۇن جەھەتتە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىسلاھات ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

  مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتە، 40 قا يېقىن مائارىپ ئىسلاھاتىغا ئائىت ھۆججەت ئېلان قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى كۈچلۈك قوللىدى. ھەقسىز تەييارلىق سىنىپى ئوقۇتۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشكەن سىنىپ، ئارىلاش سىنىپلاردا ئوقۇتۇش، ياتاققا ئارىلاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي پەن تۈرى، ئەمەلىي پەنلەر كەسپى بويىچە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇردى؛ «ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئاساسىي شارائىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر»نى تارقىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ، چەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە شەھەرلەردىكى ئاجىز مەكتەپلەرگە مايىل بولۇش سالمىقىنى ئاشۇردى؛ ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ تەربىيەلەش ئېھتىياجى ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەقسىز پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى نۇقتىلىق تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلدى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتە، «توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا «چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك»تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، 364 مىليون يۈەن يۆلەش مەبلىغى ئاجراتتى؛ كەسىپ بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، ئالىي تېخنىكوم كەسىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، 12 ئالىي كەسپىي ئىنستىتۇت ۋە 16 ئۈلگىلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكومدا بەش يىللىق تۈزۈمدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپ بويىچە ھەمكارلىشىپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويدى.

  نامراتلارنى يۆلەپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتە، يۆلەش، ئېچىش خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، لوپ ناھىيەسى قاتارلىق بەش ناھىيەدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىنى ناھىيەگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى، تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەرگەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا ئائىت تۈرلۈك مەبلەغ جەمئىي 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ «نامراتلارنى تۈگىتىش» پىلانىنى يولغا قويۇپ، يۆلەش، ئېچىش ئۈنۈمىنى باھالاش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارماق رايونلاردا رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن يۆلەشتىن ئىبارەت مۇستەھكەم پىلاننى يولغا قويدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 891 مىليون يۈەن مالىيە مەخسۇس تۈر يۆلەش مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون يەنە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش مۇتەخەسىسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، جايلارنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دوختۇرخانىلارنى ئىسلاھ قىلىپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈردى؛ شۇنداقلا «ئاپتونوم رايونىمىزدا بىرلىككە كەلگەن شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «شەھەر – يېزىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈشنى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ۋە ماس ھالدىكى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈردى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر