باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە: ي ئە ئى نىڭ رۇسىيەنى داۋاملىق جازالىشى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ

2014.09.17 10:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 11-سىنتەبىر، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنى داۋاملىق جازالىشى دوستانە بولمىغان ھەرىكەت، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دېدى.

  بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قارىتا مۇناسىپ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ بارلىق جازالاش تەدبىرىگە قارىتا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىنى قوللىنىدۇ. رۇسىيە دوستانە بولمىغان ھەرىكەتلەرگە ئېنىق تاقابىل تۇرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ دەرىجىسى ۋە دائىرىسى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىگە قاراتقان جازاسىنى قانداق بولۇشىغا باغلىق.

  رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى 11-سىنتەبىر، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالىشىغا قارىتا رۇسىيەنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىشدىن باشقا تاللىشىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر