باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«گىرەلىشىش. سىڭىشىش. تەرەققىيات»

2014.09.16 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرلىرمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان،ئامانگۇل خەۋىرى

  ئونسۇ ناھىيەسىدە «گىرەلەشمە شەكىلدە» تەرەققىي قىلغان شۇنداق بىر كەنت بار، بۇ توپقان كەنتى بولۇپ، كەنت كومىتېت رەھبەرلىك بەنزىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئۆز ئارا تەڭشەلدى؛ كەنت ئاھالىلىرى ئورتاق تەرەققىي قىلىپ باي بولدى. 20 نەچچە يىل ئىناق-ئىجىل ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار قېرىنداشتەك بىر بىرىدىن ئايرىلمىدى.

  توپقان كەنتى ناھىيەدىكى 105 مەمۇرىي كەنت ئىچىدە بىردىنبىر كەنت كومىتېت بەنزىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار تەڭشەلگەن كەنت. كەنتتىكى 81 تۈتۈننىڭ 49 ى ئۇيغۇر، 32 ى خەنزۇ. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان كەنت ئاھالىلىرى ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر بىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئورتاق تەرەققىي قىلدى. 2013-يىلى ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى بۇرۇنقى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن بىراقلا 11880 يۈەنگە كۆپىيىپ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق باي كەنت، ئىناق كەنت بولۇپ قالدى.

  كەنت ئاھالىسى تۇنىياز مەمەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەنزۇ ئاھالىلىرىنىڭ نۇرغۇن ياردىمىگە ئېرىشتى. يېتىشەلمىگەندە خەنزۇلار ئۇنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەم بەردى، بەزىلىرى ئۆزى تېرىغان كۆكتاتلارنى ئەكېلىپ بەردى. بۈگۈنكى كۈندە تۇنىياز مەمەت كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىگىلىكىنى يىلدىن يىلغا زورايتتى. تۇنىياز مەمەت مۇنداق دېدى: «6 يىل ئىلگىرى دادام ئاغرىپ قالدى، ئۇ چاغدا داۋالاتقۇدەك پۇل يوق ئىدى. شى جېنىڭ دادىسى بىزگە 5000 يۈەن بېرىپ تۇردى. گەرچە ھازىر دادام قازا قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ بىز شى جېغا پۇلنى قايتۇرۇپ بەردۇق. بۇلتۇر مەن كالا باقتىم، شى جې گەپ-سۆز قىلمايلا ئائىلىسىدىكى بارلىق ئۆت-چۆپ ۋە زىرائەت غولىنى ماڭا ھەقسىز بەردى. بۇنداق كىچىك ئىشلارنى دەپ كەلسەك تۈگىمەيدۇ».تۇنىياز مەمەت دەۋاتقان شى جې تۇنياز مەمەتنىڭ دادىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى سىرداش دوستى شى فېڭليەننىڭ ئوغلى بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ توپقان كەنتىدە چوڭ بولدى. ئەينى چاغدا دادىسى دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە ئۇنى ئۇيغۇر يۇرتداشلىرىنىڭ قاراپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلاتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە شى جې ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولدى. شىجې مۇنداق دېدى: «دادام 20 ياش ۋاقتىدا شىنجاڭغا كەلگەن بولۇپ، تۇنياز مەمەتنىڭ دادىسى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتۈپتىكەن. كۆپچىلىك كەنتتە ئۆز ئارا سىڭىشىپ كەتتۇق. ئۇنىڭ دادىسى راك كېسىلى بولۇپ قالغاندا دادام ئۇلارغا پۇل بەردى، ئۇلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەم بەردى. كېيىن داداممۇ راك كېسىلى بولۇپ قېلىپ ئالەمدىن ئۆتتى. دادام ئاغرىپ قالغان مەزگىلدە ئۇلار پات-پات سوۋغا ئېلىپ دادامنى يوقلاپ تۇردى. ئۇلار نامرات بولسىمۇ 200 يۈەن ئېلىپ كەلدى. ئەينى چاغدا مەن خىجىل بولدۇم. ھەم ئىچىمدە ئۇلار ھەرقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا مەن چوقۇم كۈچۈمنىڭ بارىچە ئۇلارغا ياردەم بېرىمەن دەپ ئويلىدىم».بۈگۈنكى كۈندە شى جې بىلەن تۇنىياز مەمەتنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ئازىيىپ قالمىدى. بەلكى تېخىمۇ قويۇق ئارىلىشىپ قېرىنداشتەك بولۇپ كەتتى. شىجې مۇنداق دېدى: «راستتىنلا قېرىنداشتەك بولۇپ قالدۇق. ئۇنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقى بولسا تېلېفون قىلغان ھامان بارىمەن. مەن ھەرقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام ئۇ تېلېفون قىلغان ھامان كېلىدۇ. مېنىڭ شاللىق يېرىم كۆپ بولغاچقا ئالدىنقى مەزگىلدە ئالدىراش بولۇپ يېتىشەلمەي قالدىم. ئۇ كۈندە كېلىپ تىراكتور ھەيدەپ بەردى».

  توپقان كەنتىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ. بىر بىرىگە ياردەم بېرىشكە ئوخشاش كىچىك ئىشلار كەنتتە كۈندە يۈز بېرىدۇ. بىرەرسى ئۆي سالسا، ئوغۇل ئۆيلىسە ياكى قىزىنى ياتلىق قىلسا كۆپچىلىك بېرىپ ياردەم بېرىدۇ.

  توپقان كەنت ئاھالىسى يۈەن پىڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن مەن پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشلامچى بولىمەن. ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىن بىز تېخىمۇ ئىتتىپاق، ئىناق-ئىجىل ئۆتىمىز.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر