جۇڭگو بىلەن مالدىۋىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئومۇميۈزلۈك دوستانە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى 15-سېنتەبىر دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالدىۋى زۇڭتۇڭى ئابدۇللاھ ئارمىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن بۇرۇن ئابدۇللاھ ئارمىن جۇمھۇرىيەت خەلق مەيدانىدا شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى
15-سېنتەبىر دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالدىۋى زۇڭتۇڭى ئابدۇللاھ ئارمىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما جەنچېڭ فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر مالىدىن بەرگەن خەۋىرى: 15-سېنتەبىر دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالدىۋى زۇڭتۇڭى ئابدۇللاھ ئارمىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزغىن ۋە دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن مالدىۋىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئومۇميۈزلۈك دوستانە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-مالدىۋى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق ھەم دوستانە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بىز نەنجىڭدا ئىنتايىن ياخشى پاراڭلاشقان ئىدۇق، بۇ قېتىم سىز بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى بولۇپمۇ 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پائال تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى دىپلوماتىيە، تاشقى ئىقتىساد-سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو تەرەپ قۇرۇشقا قاتناشقان مالدىۋى لام ئاتوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش تاشيول تۈرى ۋە پۇقرالار سى تۈرىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-مالدىۋى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئومۇميۈزلۈك دوستانە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن كەڭ مەنزىل ئېچىپ بەردى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە يېڭىچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بەخىش ئەتتى. بىز تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا مالدىۋى بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جۇڭگو-مالدىۋى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخىت يارىتىشنى خالايمىز.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى