خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلى ئەخەت خەۋىرى، فوتوسى: 9-ئاينىڭ 16-كۈنى يوپۇرغا ناھيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار يېزا توختىكا كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەشۋىقاتتا ئۈلگە كۆرسىتىش بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنىدا ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاللاپ چىققان بەش نەپەر خادىمدىن تەشكىللەنگەن تەشۋىقات ئۆمىكىدىكى خادىملار «لاياقەتلىك ئانىلاردىن بولايلى»، «ئويغىنىڭلار ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى» دېگەن تېمىلاردا جانلىق لېكسىيە سۆزلەپ، يىغىنغا قاتناشقان 5000 دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىپ، ئۇلارنى زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش توغرىسىدا چۇڭقۇر تەربىيگە ئىگە قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ لېكسىيە قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە تۇنجى قېتىملىق لېكسىيە بولۇپ، كېلەر يىلى 3-ئايغىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھيە(شەھەر)لىرىدە ئېلىپ بېرىلدىكەن.
سۈرەتتە: (1)پائالىيەتتىن كۆرنۈشلەر.
(2)قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى بېلىقىز ئىمىن لېكسىيە سۆزلىمەكتە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى