15-سېنتەبىر 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو (ئىئۇردانىيە) تاۋار كۆرگەزمىسىنىڭ 2-باسقۇچى باشلاندى . كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ ، كۆرگەزمىگە جېجياڭ ، گۇاڭجوۋ ، شاڭخەي ، خېنەن قاتارلىقلار جايلاردىن كەلگەن يۈزدەك كارخانا سەھىيە ، تازىلىق بۇيۇملىرى ، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ، يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ، ئائىلە بېزەكچىلىكى ، ئائىلە توقۇمىچىلىقى ، رەخت قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى . كۆرگەزمە 18-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدۇ . شۇ كۈندىكى كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئىئۇردانىيە ساياھەت ، قەدىمىي يادىكارلىقلار ۋەزىرى نىدال كاتامىڭ لېنتا كېسىشكە قاتناشتى .