باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتىدىكىلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، يۇرتداشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۈن كەچۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى

2014.09.17 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغول موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنور ناھىيەسى شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك ۋە بارلىق دېھقانلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۈن كەچۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  2009يىلى 6-ئايدا، شى جىنپىڭ داشى كەنتىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈرگەن. بۇ يىل 4-ئايدا شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە ساۋۇر مەڭلىكنى، شۇنداقلا داشى كەنتىنىڭ «يانچۇقنى توملاپ، روھنى ئۇرغۇتايلى» دېگەن كەنت تەلىمىنى تىلغا ئالغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ساۋۇر مەڭلىك ۋە بارلىق دېھقانلار ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، كەنتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى دوكلات قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: داشى كەنتىدىكى تەرەققىيات-ئۆزگىرىشلەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلسىلا، يۇرتداشلارنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىملىققا ئېرىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامغا باغلىق. مەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەگە ئەگىشىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ھەر بىر ئائىلىدىكى ھەر بىر ئاھالىگە قەدەر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر