- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ب د ت ئافغانىستان پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى
2014.09.17 10:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى 11-سىنتەبىر مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى ئىككى پىرېزىدېنت نامزاتىنى بۇندىن ئىلگىرىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، يېقىندا ئېلان قىلىندىغان پىرېزىدېنت سايلىمى بېلىتىنى ھېسابلاش نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشقان ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن يول ئېچىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 10-سىنتەبىر بۇ ئىككى پىرېزىدېنت نامزاتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلىفونلاشتى. بان كىمون تېلفوندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئافغانىستان ئاچقۇلۇق پەيتتە تۇرماقتا، كۆپلىگەن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ھەقىقىي ھەمكارلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئافغانىستاننى بىر تىنچ ۋە تېخىمۇ گۈللەنگەن كەلگۈسىگە يېتەكلەش مەسئۇلىيىتى بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر