باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹مەملىكەتلىك ئارام ئىشخانىسى›› ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2014.09.17 10:59         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مەملىكەتلىك ئارام ساياھەتچىلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش - ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئىشخانىسى تۈنۈگۈن رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ بارلىق فۇنكىسىيەسى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئاپپارات ــ گوۋۇيۈەن ساياھەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسىنىڭ تۈزۈمىگە قوشۇۋېتىلدى . جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ تۈنۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، گوۋۇيۈەن ساياھەت خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسى قۇرۇشنى تەستىقلىغان .

  مۇئاۋىن زۇڭلى ۋاڭ ياڭ يىغىن چاقىرغۇچىسى بولىدۇ

  يېڭىدىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان گوۋۇيۈەن ساياھەت خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسىدا گوۋۇيۈەننىڭ ساياھەت كەسپىگە مەسئۇل مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يىغىن چاقىرغۇچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ . گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بى جىڭچۇەن قاتارلىق بەش كىشى يىغىننىڭ مۇئاۋىن چاقىرغۇچىلىرى بولىدۇ .

  ئەزا ئورۇنلار گوۋۇيۈەننىڭ 28 تارمىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەت كەسپى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدار بولغان قاتناش–تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ، تۆمۈريول ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ، شۇنداقلا ساياھەت كەسپىدىكى ‹‹تايانچ ›› ئورۇنلار بولغان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ، يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىقلار بار . دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقىدىكى پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى بىرلەشمە يىغىننىڭ ئەزالىرى بولغاندىن باشقا يەنە ئەزا ئورۇنلارنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىر(مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى) لىرى بىرلەشمە يىغىننىڭ ئەزالىرى بولىدۇ.

  ئۆلچىمى ‹‹ئارام ئىشخانىسى ›› نىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ گوۋۇيۈەن ساياھەت خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ساياھەت خىزمىتىگە ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىش ؛ ساياھەت كەسپىنىڭ ئىسلاھات-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان فاڭجېن-سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ؛ ساياھەت كەسپىنىڭ ئىسلاھات-تەرەققىياتى جەريانىدا يولۇققان ئېغىر ، چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش قاتارلىق بەش چوڭ فۇنكىسىيەسى بار .

  گوۋۇيۈەن ساياھەت خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىرلەشمە يىغىنىنى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ‹‹ مەملىكەتلىك ئارام ساياھەتچىلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش-ماسلاشتۇرۇش يىغىنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئىسىم جەھەتتە ‹‹ ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ›› نىڭ ئورنىنى ‹‹بىرلەشمە يىغىن ›› ئالغان ، ئەزا ئورۇنلارمۇ كۆپەيگەن ، يىغىن چاقىرغۇچىسىنىڭ سالاھىيىتىمۇ گوۋۇيۈەن رەھبەرلىك قاتلىمىسىغا كۆتۈرۈلگەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر