باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدىكى «ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش»نى پۈتۈن ئىخلاسىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى

2014.09.17 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېقىندا شەندۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ۋە شىزاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى پۈتۈن ئىخلاسىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ بىلەن شىزاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەركەزنىڭ ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى «ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش»نى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم پىرىنسىپىنى قايتا نامايان قىلدى، دەپ تەكىتلىدى.

  يۈ جېڭشېڭ بۇ قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەن جايلار ئىچكىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇۋاتقان ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر، شەھەر-يېزا مەھەللىلىرى، مەسچىت شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش كارخانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزمۇنى مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ دەل مەركەز تەكىتلەۋاتقان شىنجاڭ، شىزاڭ قاتارلىق مىللىي رايونلار قۇرۇلۇشىدا ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر