باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11-نۆۋەتلىك جۇڭگو –شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

2014.09.17 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو –شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش يۇقىرى قاتلاملىقلار يىغىنى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، قانداش تۇققان،ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش، سودا ئالاقىسى، مەنپەئەت بېرىكىشى بولغان تەبئىي ھەمكارلىق شېرىكلىرى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇر ۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، قوشنىلار بىلەن شېرىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قۇرساق» بولۇش ئېڭىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ساغلام، مۇقىم، كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى رايون تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى، دېڭىز ئوكيان ھوقۇقى، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشتىن –ئاخىر ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تارىخ ۋە خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ماجرالارنى كېڭىشىپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، تىنچ ھەل قىلىشىغا كۈچ چىقىرىدۇ.

  جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن « جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەرىكەت مىزانى» كېڭىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆزلىشىش ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي دېڭىزنى تىنچلىق دېڭىزى، دوستلۇق دېڭىزى، ھەمكارلىق دېڭىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر