بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 68-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 15-سېنتەبىر نيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا ئاياغلاشتى . يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون (سولدا) ۋە بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ، ئانتىگۇئا ۋە باربۇدادىن كەلگەن جون ۋىللىيام ئاش (ئوتتۇرىدا) سۆز قىلدى
شىنخۇا تورى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، 15-سېنتەبىر تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 68-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 15-سېنتەبىر نيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا ئاياغلاشتى .
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 68-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاخىرلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئانتىگۇئا ۋە باربۇدادىن كەلگەن جون ۋىللىيام ئاش مۇنداق دېدى : بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 68-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا جەمئىي 300 تۈرلۈكتىن ئارتۇق قارار ۋە 80 تۈرلۈك بەلگىلىمە ماقۇللاندى ، بۇ قارار ۋە بەلگىلىمىلەر ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، مەسىلەن :يادرو ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى قىسقارتىش ، دۆلەت ۋە خەلقئارا قاتلاملاردىكى قانۇنلار ، پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىش ، ئار-نومۇس ھوقۇقى ، تىنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتى خامچوتى قاتارلىقلار .
ئاش ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى : بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ رىقابەت 2015-يىلىدىن كېيىنكى پۈتۈن يەر شارىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت .
ئاش يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ 68-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ، 2015-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتتى .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون قۇرۇلتايىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەنكى بىر يىل تىرىشىپ بەدەل تۆلىگەن ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر يىل بولدى . بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيى باشلىنىشىدىلا ئالدىراش خىزمەت مۇساپىسىگە ۋە نۇرغۇن يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلارغا دۇچ كەلدى . مۇشۇنداق ئەھۋالدا ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆكرەك كېرىپ ھەرىكەت قوللىنىپ ، 2015-يىلىدىن كېيىنكى يەر شارىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سالدا تۈزۈپ چىقىشقا ئاساس سالدى .