باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مەملىكەتلىك ئارام ئىشخانىسى» ئىشقا كىرىشىپ 14 يىلدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئۇنىڭ فۇنكسىيەسىنى بىرلەشمە يىغىن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ

2014.09.16 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  ئىشقا كىرىشىپ 14 يىلدىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئارام-ساياھەت مىنىستىرلىكلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش كېڭىشى تۈنۈگۈن رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئۇنىڭ بارلىق فۇنكسىيەسىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان گوۋۇيۈەن ساياھەت خىزمىتى مىنىستىرلىكلەر ئارا بىرلەشمە يىغىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. تۈنۈگۈن جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، گوۋۇيۈەن گوۋۇيۈەن ساياھەت خىزمىتى مىنىستىرلىكلەر ئارا بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىشنى تەستىقلىغان.

  يېڭىدىن قۇرۇلغان گوۋۇيۈەن ساياھەت خىزمىتى مىنىستىرلىكلەر ئارا بىرلەشمە يىغىنىنىڭ چاقىرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ساياھەت باشقۇرۇش تارمىقىغا مەسئۇل مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ ئۆز ئۇۈستىگە ئالىدۇ. مۇئاۋىن چاقىرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بى جىڭچۈەن قاتارلىق 5 كىشى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىرلەشمە يىغىنغا گوۋۇيۈەننىڭ 28 تارمىقى ئەزا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەت كەسپىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، تۆمۈريول ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارمۇ، ساياھەت كەسپىگە «تىرەك» بولىدىغان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارمۇ بار. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى بىرلەشمە يىغىننىڭ تەركىبىدە بولغاندىن سىرت، باشقا ئەزا ئورۇنلارنىڭ بىرلەشمە يىغىن ئەزالىقىنى مۇئاۋىن مىنىستىر (مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، مۇئاۋىن مۇدىر) ئۈستىگە ئالغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر