باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئاق كىشمىش ئۆرۈكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى جۇغراپىيىلىك بەلگە ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى

2014.09.16 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرىمانگۈل داۋۇت خەۋىرى: يېقىندا كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئاق كىشمىش ئۆرۈكى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى جۇغراپىيەلىك بەلگە ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى.

  دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى جۇغراپىيىلىك بەلگە ئېتىراپنامىسى «ئۈچ مەھسۇلات، بىر ئېتىراپنامە» نىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك، ئاممىۋى ماركا يارىتىشتا نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كىيىنكى بىر مەزگىلدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمالدىكى يېتەكچى مەھسۇلات.

  كۇچا ناھىيەسى 2 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۆرۈك ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەلا سورتلۇق ئۆرۈك 20 خىلغا يېتىدۇ. بۇ قېتىم ئېتىراپنامىگە ئېرىشكەن ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنىڭ قۇغداش كۆلىمى 21 مىڭ 334 مو بولۇپ، يىللىق مەھسۇلاتى 156 مىڭ 800 توننىغا يېتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى جۇغراپىيەلىك بەلگە ئېتىراپنامىسىگە يەنە ئاقسۇ چىلىنى، ئاقسۇ ياڭىقى قاتارلىق 14 مەھسۇلات ئىرشكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر