شۇ يەر ۋاقتى 15-سېنەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، 13-سېنتەبىر نېگېرىيەنىڭ ئىقتىساد پايتەختى لاگوستا بىر مېھمانخانا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ، 15-سېنتەبىرگىچە 46 ئادەم قازا قىلغان ، 130 ئادەم يارىلانغان .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ مېھمانخانا يەرلىكتىكى دىندارلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن . بۇ مېھمانخانىنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم بولمىغان ئەھۋالدا ئۈستىگە يەنە ئۆي سېلىنغان بولغاچقا ، ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان .
نۆۋەتتە، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋەقەنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ ، ھازىرغىچە تېخى ئېنىق بىر نەتىجە چىقمىغان .