باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا جامائەتچىلىكى: شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ي ئى نىڭ سىياسىي تېررىتورىيەسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ

2014.09.17 10:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-سىنتەبىر، شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئومۇمىي ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ. ياۋروپا جامائەتچىلىكى، تەھلىلچىلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشتا ماقۇللىنىپ قالىدىغان بولسا، بۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي تېررىتورىيەسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  ئاتاقلىق ئەقىل ئىسكىلاتى، پولشا ياۋروپا ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: ئەگەر شوتلاندىيە مۇستەقىل بولىدىغان بولسا، ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاجىزلاپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسى كىچىك دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

  شوتلاندىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئىتراپ قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو بۇندىن ئىلگىرى مۇنداق دېدى: ئەگەر ئەزا دۆلەتلەر بىر قىسىم رايونلىرىدا مۇستەقىل بولغان يېڭى دۆلەتلەر بارلىققا كەلسە، ئۇنداقتا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرتنامىسىغا ئاساسەن بۇ يېڭى دۆلەتلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئەگەر شوتلاندىيە مۇستەقىل بولىدىغان بولسا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولمايدۇ، ئەگەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئالاقىدار شەرتلەرنى قاندۇرۇشى كېرەك .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر