باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

69-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ئېچىلدى

2014.09.17 10:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  69-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن نىيۇ-يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئورگىنىدا ئېچىلدى. بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سام كۇتەيسا: بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش تېمىسى- 2015-يىلدىن كېيىنكى تەرەققىياتتا بۇرۇلۇش ياساش قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش» دېدى.

  69-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شۈ كۈنى 1-ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. كۇتەيسا مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بىر يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا مۇھىم بىر يىل بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى « مىڭ يىللىق خىتابنامىسى»نىڭ 15 يىللىقى، 2005-يىللىق دۇنيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ 10 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون، 193 ئەزا دۆلەت ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن شۈ كۈنكى يىغىنغا قاتناشتى.

  بانكىمون يىغىندا سۆز قىلىپ، 68-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان جون ئاشقا بولغان مىننەتدارلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۇتەيسا بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر