- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رۇسىيەنىڭ 2-تۈركۈمدە ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۇكرائىناغا كىردى
2014.09.17 10:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى تاموژنا تارمىقىنىڭ باياناتچىسى 13-سىنتەبىر مۇنداق دېدى: رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىناغا 2-تۈركۈمدە ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئەترىتى دونېتسىك چېگرا ئېغىزىدىن چىقتى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 35 ئاپتوموبىلنىڭ 33 گە جەمئىي 2 مىڭ توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان بولۇپ، بۇ ماددىي ئەشيالار ئاساسلىقى يېمەكلىك، دورا، سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىلىرى، گېنىراتور قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قالغان ئىككى ئاپتوموبىل قۇرۇلۇش ئاپتومىلى.
بۇ باياناتچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ماددىي ئەشيالار نۆۋەتتە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى ئائىلىلەر جىددىي ئېھتىياتچانلىق بولغان بۇيۇملار. 8-ئايدا رۇسىيە تۇنجى تۈركۈمدىكى ياردەم ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان 280 ئاپتوموبىلدىن تەشكىللەنگەن ئاپتوموبىل ئەترىتىنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتكەن ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر