باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايسىيانىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئارقىسىدىكى ئۇكىرائىنانىڭ مالىمانچىلىق ۋەزىيىتى

2014.07.21 09:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە، ئامېرىكا، ئۇكىرائىنا ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىقلار 18-ئىيۇل ئايرىم ئايرىم مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇكىرائىنانىڭ شەرقىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا پوزىتسىيە بىلدۈردى ھەمدە بۇ ۋەقەنى ئادىل ئوبېكتىپ تەكشۈرۈشنى مۇراجئەت قىلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قايسى تەرەپنىڭ ياراشتۇرۇشى نەتىجىسىز بولىۋاتقان، ئۇكىرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇش كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئۇكىرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر نۇقتىغا ئايلاندى، بۇ ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇكىرائىنا كىرىزىسىگە ئارىلىشىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MH-17- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇكىرائىنانىڭ شەرقىدە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇكىرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئەلئىچى قۇراللىق كۈچلىرى بىردەك بۇ ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى. بىر بىرىنى يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوق ئاتقان دەپ چىڭ تۇردى. رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇكىرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى دەپ بىشارەت بەردى.

  ئۇكىرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئادەتتىكى ۋەقە ئەمەس، بەلكى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ھىسابلىدى. 18-ئىيۇل سەھەردە ئۇ بىر بايانات ئېلان قىلىپ، قۇراللىق كۈچلەرنىڭ باشلىقى رۇسىيە قۇراللىق كۈچلىرى باش شتابىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارىغا بىز بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق دەپ پو ئاتقان، دېدى.

  دونتسېك ئەلئىچى قۇراللىق كۈچلىرى مالايسىيا ئاۋىئاتسىيا شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى. دونتسېك خەلق جۇمھۇرىيىتى بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇكىرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن بولىشى مۈمكىن، ئەلئىچى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ يېنىغا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان ھاۋادىن مۇداپئەلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى قويۇپ بېرىش مۇساپىسى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ شۇ چاغدىكى ئۇچۇش ئىگىزلىكىگە يەتمەيدۇ دېدى.

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقى 18-ئىيۇل مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيىسى ئالدىنقى كۈنى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايغا يېقىن ئەتراپتا ئۇكىرائىنا ئارمىيىسىنىڭ بشقۇرىلىدىغان بومبا رادار سېستىمىسى ھاۋادىن مۇداپئەلىنىش باشقۇرىلىدىغان بومبا سېستىمىسى بىلەن بىر قانچە قېتىم سان سېفىر ئالماشتۇرغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقى بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: ھاۋادىن مۇداپئەلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسى سەپلەنگەن ئۇكىرائىنا ئارمىيىسى شۇ چاغدا يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن رايوندا تۇراتتى. ئۇكىرائىنا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىمۇ دونتسېك ئوبلاستىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا پەيدا بولۇپ تۇراتتى.

  ئامېرىكا 18-ئىيۇل باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى قىسمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە ئىشەنچىمىز كامىل، دېدى.

  «قارا قۇتا» ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما ئۇنىڭدىكى سىرنى يېشىش مۇرەككەپ.

  ئۇكىرائىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى 18-ئىيۇل مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى، نۆۋەتتە ئۇكىرائىنا تەۋەسىدە، ئۇلارنىڭ قارا قۇتىنى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرىدىغان ھۆكۈمەت كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى، ئەمما ئۇ قارا قۇتىنىڭ نۆۋەتتە كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىدى. شۇكۈنى ئۇكىرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە دۆلەت مۇداپئە كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى رېشىنكو بىز چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنىڭ كونكىرت ئورنى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئىگىلىمىدۇق دېدى.

  تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى قىسىمدىكى ئەلئىچى قۇراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن تېپىلدى ھەمدە موسكىۋاغا بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىلدى. ئەمما رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى راۋلوۋ رۇسىيە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى قۇبۇل قىلمايدۇ، ۋەقەنى خەلقئارا خەلق ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتى تەكشۈرۈشى كېرەك،دېدى. مالايسىيانىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالى ئېغىر بولدى ھەمدە بىر قانچە دۆلەتكە چېتىلدى، بولۇپمۇ گوللاندىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت ئۇكىرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدە ئانچە كۆپ پىكىر بايان قىلمىغان دۆلەتكە چېتىلدى، كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى پاجئە يەر شارىنىڭ ئۇكىرائىنا كىرىزىسىگە بولغان دىققىتىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت ئۇكىرائىنا كىرىزىسىگە تېخىمۇ ئارىلىشىشى مۈمكىن دەپ ھىسابلىدى.

  ئۇكىرائىنا سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى فېيشىنكونىڭ قارىشىچە، چەتئەلنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇكىرائىنادا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۇكىرائىنا توقۇنۇشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد پەيدا قىلغانلىقى، ئۇكىرائىنا كىرىزىسىنىڭ تەسىرىنىڭ يەر شارى قاتلىمىغىچە كېڭەيگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ۋەقە رۇسىيەنىڭ ئۇكىرائىنا شەرقى قىسىمى رايونىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىگە ئەستايىل مۇئامىلە قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇكىرائىنانىڭ شەرقىنىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۈمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر