باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH17-نۆۋەتلىك ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى

2014.07.22 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ب د ت مىكرو بىلوگىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 15 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىغا قويغان مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH17-نۆۋەتلىك ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قارار لايىھەسىنى ماقۇللىغان. قاراردا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى قاتتىق ئەيىبلەندى ۋە پۇقراۋى ئاۋىئاتسىيە مىزانىغا ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك، تەلتۆكۈس ۋە مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى يەرلىك قوراللىق كۈچلەردىن ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن ئورۇننىڭ ئەسلىي ھالىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق ھەرىكەت قوللانماسلىق تەلەپ قىلىندى.

  يېڭى قاراردا خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ۋە بىخەتەر ئېلىپ بېرىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جاي ئەتراپىدىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ‐‐ قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنى توختىتىش تەلەپ قىلىندى. بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش، بارلىق دۆلەتلەر مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش خىزمىتىگە تولۇق ماسلىشىش تەلەپ قىلىندى. قاراردا يەنە قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىغان ئاساستا كەسپىي ئۇسۇلدا بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئىزدەش تەلەپ قىلىندى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر