باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كالتەك توپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى(1)

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالدى

2014.07.22 22:12   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كالتەك توپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ كالتەك توپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 21-ئىيۇل ۋۇشىدا باشلاندى. ئىلگىرىكى چېمپىيون شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كالتەكتوپ كوماندىسى تۇنجى مەيداندا دوڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە جەمئىيىتى تەستىقلىغان، جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە جەمئىيىتى كالتەك توپ-قورغانتوپ تارماق جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو كالتەكتوپ جەمئىيىتى ئويۇشتۇرغان، جياڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ مۇسابىقە تارىختىن بۇيانقى قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ، جەمئىي 31 كوماندىدىن 600 دىن كۆپرەك ماھىر A، Bۋە مەخسۇس كۇرس گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىگە قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى 2012-يىلى ئىيۇلدا B گۇرۇپپا بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، بىراق 2013-يىللىق مۇسابىقىگە قاتناشمىغان ئىدى.

  تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ھەققىدە كوماندا باشلىقى ئەسقەر مۇنداق دەيدۇ: 2013-يىللىق مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغانلىقى، بىر قىسىم مۇسابىقە تەجرىبىسى مول كونا ماھىرلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كوماندىدىن ئايرىلغانلىقى، كۆپ قىسىم كوماندا ئەزالىرى رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىش تەجرىبىسى كەمچىل بولغان يېڭى ماھىرلار بولغانلىقتىن، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

  كوماندا باشلىقى ئەسقەر كۆپچىلىكنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، كەينىدىكى ھەرقايسى مەيدان مۇسابىقىلەردە كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سۆرەتتە: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ