خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 21-ئىيۇل، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كاراكاستا ۋېنسۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى كابېللو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ۋېنسۇئېلا كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، دوستانە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە كۈچەيتىشى كېرەك. تۈنۈگۈن، مەن زۇڭتۇڭ مادۇرو بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەلدۈرۈشنى قارار قىلدۇق، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپ ئورتاق چىقارغان بۇ قارار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى