- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
2014-يىلى شىنجاڭدا يېڭىدىن ئېچىلغان ھاۋا يولى
2014.07.22 15:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئېتىبارەن يېڭى ئېچىلغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھاۋا يولى ئاقسۇ –ئۈرۈمچى –خاڭجۇ، غۇلجا-ئۈرۈمچى-نەنجڭ، كورلا-ئۈرۈمچى-شىەن، خوتەن –ئۈرۈچى- شىەن لىنىيەسى.
جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچى-سېئول ھاۋا لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچتى، بۇ ئېلىمىز ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تۇنجى ئاچقان شىنجاڭ-شەرقىي شىمالىي ئاسىيا بىۋاسىتە خەلقئارا ھاۋا يولى، شۇنداقلا جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شىنجاڭدا ئاچقان 16-خەلقئارا ھاۋا يولى.
جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى-سېئول لىنىيەسىدە ھەر سەيشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە ئۇچۇشنى پىلانلىدى ، شۈ كۈنلىرى بېيجىڭ ۋاقتى 09:30 دا ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ شۇ يەر ۋاقتى 14:10 دا سېئول رېنچۇەن خەلقئارا ئايرودرومىغا قونىدىكەن، بۇ لىنىيەنىڭ ئوممىي مۇساپىسى 3376 كىلومېتىر بولۇپ، بېرىش ئۈچۈن 4 سائەت 10 مىنۇت، قايتىش ئۈچۈن 5 سائەت 5 مىنۇت كېتىدىكەن.
سىچۇەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن ئېتىبارەن يېڭىدىن چۇڭچىڭ-ئۈرۈمچى –قاناس لىنىيەسى ئاچتى.
چاڭشا-تۇرپان بىۋاسىتە لىنىيەسى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇنجى قاتناش باشلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر سەيشەنبە، شەنبە ئىككى قېتىم ئۇچۇدۇ.
قاراماي-بيېجىڭ بىۋاسىتە لىنىيەسى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي ئېچىلىدۇ، ھەر دۈشەنبە، چاھارشەنبە، جۈمە، شەنبە بېيجىڭ ۋاقتى 09:25 دە بيېجىڭدىن ئۇچۇپ، 15:35 دە قاراماي ئايرودرومىدا قونىدۇ، بۇ لىنىيەنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭدا يەنە بىر يېڭى ھاۋا لىنىيەسىنى كۆپەيتتى، ئايروپلان ئارىدا قۇمۇلدا قونۇپ ئۈرۈمچىدە قونمايدۇ.
مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر