ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان
22-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ، كورېيە كاڭۋون ۋىلايىتىنىڭ تەيبەي شەھىرىدە ئىككى پويىز سوقۇلۇپ كېتىپ ، بىر ئادەم قازا قىلغان ، 83 ئادەم يارىلانغان .
كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:51 دە، تەيبەي شەھىرىگە يېقىن ئەتراپتىكى بىر تۆمۈريول بۆلىكىدە ، سىئولدىن گاڭنېۋڭغا ماڭغان «خورىماس گۈل » ناملىق يولۇچىلار پويىزى بىلەن بىر ساياھەت پويىزى سوقۇلۇپ كېتىپ ، بىرقانچە ۋاگون رېلىستىن چىقىپ كەتكەن . ۋەقە يۈز بەرگەندە ، يوپۇچىلار پويىزىدا 63 يولۇچى ، ساياھەت پويىزىدا 40 يولۇچى بار بولۇپ ، يارىلانغانلار ئىچىدە 10 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن . ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بۇ ۋەقە ساياھەت پويىزى شوپۇرىنىڭ سىگنال چىرىقىغا دىققەت قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنكەن .
نۆۋەتتە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى سۈرۈشتۈرۈلۈۋېتىپتۇ .