خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: «1 – ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا شىنجاڭ «جۇڭگو پامىر» گۇرۇھى تارمىقىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرى «جۇڭپا» كىرا ئاپتوموبىلى چەكلىك شېركىتى خادىملىرى 21-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەلۇم زاپاس ھەربىي قىسمى زېنىت توپچىلار تۈەنىگە كېلىپ بۇ يەردىكى ئوفېتسىر، ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورىدى.
سۈرەتتە: شىنجاڭ «جۇڭگو پامىر» گۇرۇھى باش لېدىرى ماھىرجان (سولدىن 1 -) قاتارلىقلار 50 مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلىنى تۈەن رەھبەرلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرمەكتە. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى)
مەنبە: خەلق تورى