گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ، باش سىياسىي بۆلۈم ۋە باش قورال-ياراغ بۆلۈمى بىرلىكتە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ، 22-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى برونۋېكلاشقان قىسىم قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنى ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئويۇشتۇردى . بۇ ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى جۇڭگو ھەربىي ئىشلار ئىنىستىتۇتىنى زىيارەت قىلىشىقا تەشكىللىشى ھېسابلىنىدۇ . بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتىگە جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى 61 تاراتقۇنىڭ 112 نەپەر مۇخبىرى قاتناشتى .
پائالىيەت مەزگىلىدە ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى ئىنىستىتۇت قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ۋىدىيو فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئىنىستىتۇتنىڭ پەن-تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرى ، برونۋېك كۆرگەزمىسى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي بازا مەشىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ، ئەسكەرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى . برونېۋىكلاشقان قىسىم قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى شۈ خاڭشاۋ مۇخبىرلارغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ ، مۇخبىرلار سورىغان سۇئالغا جاۋاب بەردى .