22–ئىيۇل كەچ سائەت 10:30 لار ئۆتكەندە، بىر مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ‹‹ فاررارى›› ماركىلىق ئاپتوموبىل خاربىن شەھىرى نەنگاڭ رايونىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ دەرۋازىسىنى ئۆرۈۋەتكەن، بەختكە يارىشا ئادەم يارىلىنىش، ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. ئىگىلىنىشىچە، 22 – ئىيۇل سائەت 22:30 لەر ئۆتكەندە، خاربىن شەھىرى سۇڭشەن يولى بىلەن خۇەيخې يولى ئېغىزىدا قىممىتى بىر مىليون يۈەنلىك قىزىل رەڭلىك فاررارى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ‹‹يەتتە كۈن›› زەنجىرسىمان مېھمانخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا سوقۇلغان. مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، ۋەقە سادىر قىلغان فاررارى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، مېھمانخانىنىڭ دەرۋازىسىمۇ ئۆرۈلۈپ كەتكەن، ئەتراپقا ئاپتوموبىلنىڭ زاپچاسلىرى چېچىلىپ كەتكەن. بۇ ۋەقەدە مېھمانخانا ئالدىغا توختىتىلغان ئىككى SUV ئاپتوموبىلىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەيران بولغان. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.