بىر كۈنلۈك سىناق سۇ قويۇپ بېرىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، ‹‹ تىنچلىق ›› ئۆستىڭىگە 22-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي سۇ قويۇپ بېرىلدى . ئۆستەڭ بويىدىكى بىنالاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر سۇ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش ھەم سالقىنداش ئۈچۈن بالدۇرلا ئۆستەڭ بويىغا بېرىۋالدى .
چوڭ كۆل سۇ ئامبىرىنىڭ خىزمەتچىىسى جاڭ يوڭخۇي 22-ئىيۇل سائەت 10:00 دا كۇنۇپكىنى بېسىپ ، چوڭ كۆل سۇ ئامبىرىنىڭ توسمىسىنى ئاچتى ، سۇ سېكۇنتىغا ئىككى كۇب مېتىرلىق ئېقىن بىلەن ‹‹ تىنچلىق ›› ئۆستىڭىگە قاراپ ئېقىشقا باشلىدى . سائەت 18:00 گىچە ، چوڭ كۆل سۇ ئامبىرىدىن 60 مىڭ كۇب مېتىر سۇ ‹‹تىنچلىق›› ئۆستىڭىگە قويۇلدى .
‹‹ تىنچلىق ›› ئۆستىڭىگە ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ باشقىچە مېھرى بار . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ياسالغان ‹‹ تىنچلىق ›› ئۆستىڭى ئۈرۈمچى شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىردىنبىر ئۆستەڭ بولۇپ ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ، سۇغۇرۇش ، كۆكەرتىش بەلباغلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ، شەھەرنىڭ ھاۋا كىلىماتىنى تەڭشەش ۋە مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن .
‹‹تىنچلىق›› ئۆستىڭى شەرقىي ئۆستەڭ ۋە غەربىي ئۆستەڭ ، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ ، شەرقىي ئۆستەڭ جۇجياڭ يولى كۆۋرۈكى ، بىڭخېيۈەن ئولتۇراق رايونى ، خەلق باغچىسى ، بىڭخې يولى قاتارلىق جايلاردىن ئۆتىدۇ ، غەربىي ئۆستەڭ جۇجياڭ يولى كۆۋرۈكى ، چيەنتاڭجياڭ يولى كۆۋرۈكى ، گۇچۇڭ يولى كۆۋرۈكى ، ‹‹ئۆكتەبىر›› تىراكتور زاۋۇتى ، باتارىيە زاۋۇتى كۆۋرۈك بېشى ، قاراماي يولى كۆۋرۈك بېشى قاتارلىق جايلاردىن ئۆتىدۇ ، ئىككى تارماق ئۆستەڭ تۇگۇڭ قان پونكىتىدا بىرلىشىپ ، ئەننىڭچۇگە قاراپ ئاقىدۇ ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 41 كىلومېتىر .