خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە ئوغلانلىرى خوش خەۋەر ئەۋەتتى، 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كالتەكتوپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 23-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى 18:3 نەتىجە بىلەن جۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى يەڭدى. بۇنىڭدىن باشقا 22-ئىيۇلدىكى مۇسابىقىدە، ئوغلانلىرىمىز 16دە 1 نەتىجە بىلەن تيەنجىن جۇڭيى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى يەڭگەن ئىدى.
سۆرەتتە: مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر
مەنبە: خەلق تورى