خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى «يېڭى خەلقئارا» مىكرو بلوگىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 19-ئىيۇل ئارگېنتىنادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇئاۋىن زوڭتوڭ، قوشۇمچە كېڭەش پالاتا باشلىقى بۇدۇ ۋە ئاۋام پالاتا باشلىقى مىنگۇس بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن بۇدۇ رەئىس شى جىنپىڭغا ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق توپچى كىيىمىنى سوۋغا قىلدى. ئەمدىلا ئاخىرلاشقان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسىدا 10-نومۇرلۇق توپ كىيىمىنى مېسسى كىيگەنىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى