دۆلەت رەئىسى شى جىنپڭنىڭ 43 سائەتلىك ئارگېنتىنا سەپىرىدە ، ئارگېنتىنانىڭ موتوسىكلىتلىق ساقچىلىرى يول بويى قوغداپ ، تولىمۇ جاپا چەكتى . شى جىنپىڭ 20-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن زىيارىتى ئاخىرلاشقاندا ، موتوكسىكلىت ئەترىتى ئۇنى قوغداپ ئەزىزە خەلقئارا ئايرودۇرۇمى سىرتىغىچە كەلدى ، بەلگىلىمە بويىچە موتوسىكلىتلىق ساقچىلارنىڭ ئايرودۇرۇمغا كىرمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ ، موتوسىكلىتلىق ساقچىلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .