باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«راماسۇن» ناملىق تەيفېڭ بورىنىدىن كېيىن، خەينەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشىلار خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا جىددىي كىرىشىپ كەتتى

مەركەز مالىيەسى 700 مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇردى

2014.07.22 13:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو قىزىل كىرىست جەمئىيىتى خەينەنگە يۆتكىگەن 2-تۈركۈمدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسى، يەنى 400 ئائىلىدە جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى خەيكوۋدىكى مېيلەن ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى، پىلان بويىچە 22-چېسلا ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىغا قاراپ ۋېنچاڭ قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  مەركەز مالىيەسى راماسۇن ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدىن ئېغىر ئاپەتكە مۇپتىلا بولغان خەينەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) ۋە ئېغىر يامغۇر-كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان باشقا ئۆلكىلەردە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بۇزۇلغان سۇچىلىق ئەھلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن 700 مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇردى. مالىيە مىنىستىرلىقى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىدىن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەبلەغنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، مەبلەغ ئاجرىتىش ۋە خامچوت ئىجراسىنى تېزلىتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى ۋە ياخشى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر