- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


9 – نۆۋەتلىك يىپەك يولى شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرى سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
2014.07.22 09:26 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ 19–ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىشىچە ، ‹‹9–نۆۋەتلىك يىپەك يولى شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرى ھەم 2014–يىللىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى شەھەرلەر ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى ›› 3 – سېنتەبىردىن 6–سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن .
2012–يىل نويابىردا ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە گازىئانتېپ شەھىرىگە بېرىپ 7–نۆۋەتلىك يىپەك يولى شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرىگە قاتناشقان ، يىغىن مەزگىلىدە يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى 2014–يىلى 9–نۆۋەتلىك يىپەك يولى شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق مۇنبەر ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ ، ھازىرغىچە دۆلەت سىرتىدىكى 37 شەھەرگە تەكلىپنامە ئەۋەتكەن . يېقىندا يەنە ، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى ئارقىلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، 52 شەھەرگە تەكلىپنامە ئەۋەتمەكچى بولغان . بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى 19 شەھەرگىمۇ تەكلىپنامە ئەۋەتكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، يىپەك يولى شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرىنى دۇنيا پۇقرالار تەشكىلاتى (WCO) ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ، 2006–يىلىدىن باشلاپ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشكەنت ، جۇڭگونىڭ لەنجۇ ، كورىيەنىڭ پيۇڭياڭ ، ئىراننىڭ سىلاھ قاتارلىق 8 شەھەردە ئالدىنقى 8 نۆۋىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر