خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونى مىللىي ئۇسلۇبتىكى قەدىمىي تۇرالغۇلار، كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، كۇچا خانىقاسى، رەستە مىللىي ئۆرپ-ئادەت كوچىسى قاتارلىقلارنى نۇقتا قىلغان مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت ئورنى بولۇپ، تارىخىي قىممىتى ۋە سەنئەت قىممىتى يۇقىرى. يېقىندا بۇ ساياھەت ئورنى جۇڭگو مىللىي ئىمارەت تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى«جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىمارەت مەدەنىيەت ساياھەت مەنزىلگاھى» بولۇپ باھالاندى. مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا
سۈرەتتە: كۇچا ناھىيە كونا شەھەردىكى مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھەت ئورنلىرى. (ماتېرىيال سۈرەتلەر)
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى