- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى تەكشۈرۈلدى
2014.07.28 08:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن يېقىندا سەككىز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى 27 مەركەز تارمىقى، ئورنى ۋە 16 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە ئايرىم ئايرىم ئەۋەتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمدىن بۇيانقى گوۋۇيۈەن چىقارغان ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش يۈرۈشلۈك سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى.
ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى مەبلەغ سېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش. بۇ يىل ھۆكۈمەت قوزغىتىش خاراكتېرلىق مەبلەغنى ئاساسلىقى تۆمۈر يول، ئېتىز ئېرىق سۇ ئىنشائاتى،كاپالەتلىك ئۆي،كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا سالىدۇ. مەبلەغ سېلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى گوۋۇيۈەننىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شۇنى بايقىدىكى،يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئېتىز ئېرىق سۇ ئىنشائاتى بىلەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن يىللىق مەركەز مەبلىغى %19.3 ئاشقان بولۇپ، 28 مىليارد 850 مىليون يۈەنگە يەتكەن. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بۇ يىل قۇرۇلۇۋاتقان 40 زور سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن مەركەز مەبلىغىنىڭ 39 مىليارد يۈەنى ئەمەلىيلىشىپ بولغان. قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقى تاماملىغان 18 تۈرنىڭ 1600 كىلومېتىرلىق تاشيول تۈرى تەستىقلانغان، بۇنىڭغا 120 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنغان. جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى ئالدىنقى بەش ئايدا مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا 140 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، يىللىق پىلاننىڭ %23.9 نى ئورۇنداپ بولغان. بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 كۆپ. بۇ يىل مەركەزنىڭ مەبلەغ سېلىش پىلانى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىلگىرىلىگەن؛ دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا تونۇشتۇرۇشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 457 مىليارد 600 مىليون يۈەنلىك مەركەز مەبلىغىنىڭ %95 تى چۈشۈرۈلگەن. جايلارمۇ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن بىر يىللىق ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۆزلەنمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار ۋە تارماقلار يەنە ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قۇرۇلمىنى ياخشى تەڭشەپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ئەبەدىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلغان.
ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىيىن مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن خېبېي ئۆلكىسى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىستراتېگىيىلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان. سىچۈەن ئۆلكىسى سېرەك يەرنى تىزگىنلەش، پولات تۆمۈرنى قايتا تەشكىللەش، سېمونتنى شاللاش قاتارلىق يۇقىرى سەرپىياتلىق ، بۇلغىشى يۇقىرى كارخانىلارنىڭ تىپىدە بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرگەن. گۇاڭشى ساياھەتچىلىك ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش ساغلاملىق كەسپىنى بىرىكمە تەرەققىياتقا يېتەكلىگەن . ئالدىنقى يېرىم يىلدا ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى %23 گە يەتكەن. ھازىر ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى ھالقىسىغا سىڭىپ كىرگەن . ئېلىمىز ئىقتىسادىي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش،دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يېڭى باسقۇچىغا كىرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر