باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى800 توننىدىن كۆپرەك قوي گۆشى غەملەپ روزا ھېيت بازار تەمىناتىغا تەييارلىق كۆردى

2014.07.28 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى روزى ھېيت يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايرام كۈنىدىكى تەمىنلەش، بازاردىكى مال باھاسىنى تەڭشەش ئۈچۈن، 24-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۇدا بەش كۈن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 184 تارقىتىش نۇقتىسىدا 868.5 توننا قوي گۆشى غەملىدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بازار ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش تەڭشەش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى بازىرىدا قوي ،كالا گۆشى باھاسى ئۆرلىگەنلىكتىن جايلاردىكى كارخانىلار ئاۋىستىرائىلىيە، يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن قوي كالا گۆشى ئىمپورت قىلغان. بۇ قېتىم گۆشنى زاپاس ساقلاپ تارقىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل تۇنجى قېتىم بىر قەدەر زور كۆلەمدە توڭلىتىلغان قوي گۆشىنى ئىمپورت قىلغان.

  بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى گۆش، كۆكتات زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى زورايتىپ، 50 مىڭ توننا كۆكتات، 2700 توننا گۆش ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى زاپاس ساقلىدى. ھەمدە مۇۋاپىق ۋاقىتتا بازارغا سالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر